QQنىڭ QID ئىقتىدارى ئىچىلدى، جوۋ جېلۈن، ما خۇاتېڭلار بۇلاندى
    IT خەۋەرلىرى   جەمى 1 باھا

QQنىڭ QID ئىقتىدارى ئىچىلدى، جوۋ جېلۈن، ما خۇاتېڭلار بۇلاندى

     IT خەۋەرلىرى     جەمى 1 باھا

12-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋىرى، QQنىڭ QID ئىقتىدارى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى. ئابونتلار ئۇزۇنلۇقى 7دىن 10خانىغىچە بولغان ID تەسىس قىلسا بولىدۇ، ID بىردىنبىر بولىدۇ، بىر QQ نومۇرى پەقەت بىر QID غا ماس كېلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ID تەڭشەكنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، دوست قوشۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئابۇنتلار يەنە مەخسۇس سالاھىيەت كارتىسى ھاسىل قىلالايدۇ، بۇ مەخسۇس شەخسىي ئېلېمېنت توپلاشتۇرۇش كارتىسى بولۇپ، ئىسم، باش سۈرىتى، QQ نومۇرى، ID، لىمىشيۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھاسىل بولغاندىن كېيىن دوستلارغا بەھىرلىيەلەيدۇ.
QID.jpg
بۇ ئىقتىدار ئۈندىدار IDغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىر QQغا پەقەت بىر QID نى باغلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق دوست قوشۇشقا بولىدۇ. ھازىر داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى پىنيىنچە (مەسىلەن: « zhoujiellun» ) ، داڭلىق ماركا، توردىكى قارا گەپلەرنىڭ ھەممىسى تارتىۋېلىندى، « mahuatenng» ، « tengxun» قاتارلىق ID لارمۇ باشقىلار تەرىپىدىن بۇلۇۋىلىندى.


كۆرسەتمە
  1. بۇ ئىقتىدارىنى نەدىن قىلىدۇ؟ مەن تاپالمىدىم

    جاۋاب
Copyright ©2016 - 2025 nur512.cn All Rights Reserved
.بارلىق ھوقۇق نۇرۇم تورىغا تەۋە
ICP备案/许可证:豫ICP备20020483号- 1